ئىلىم-پەن تارىخىدا قۇياش كەبى نۇر چاچقان مۇسۇلمان ئالىملار(1)
ئالەم جىسىملىرى ماتېماتىكىسىنى ئالقىنىدا تۇتقان ئالىمە: مەريەم ئەل-ئۇستۇرلابىي
ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ ئىلىم-پەن ئاسمىنىدا پارلىغان يۇلتۇزلىرىدىن بىرى بولغان مەريەم ئەل ئىجلىييە (تونۇلغان نامى بىلەن مەريەم ئەل-ئۇستۇرلابىي)، 10- ئەسىردە سۈرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىدە ياشىغان يولباشچى مۇسۇلمان ئايال ئاسترونوم، ئىنژېنېر ۋە ئۇستۇرلاپ ئۇستىسىدۇر. ئاياللارنىڭ ئىلىم-پەن دۇنياسىدا كۆرۈلۈشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر دەۋردە، مەريەم ئەل ئىجلىييە چەكلىك شارائىتلارغا قارىماي ئالەم جىسىملىرى ماتېماتىكىسىنى ئۆز ئالقىنىغا سىغدۇرۇپ، ئۆز ئىسمىنى ئىلىم-پەن تارىخىغا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يازدۇرغان.
مەريەم ئەل ئىجلىييە، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق، ئىنچىكە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىلىم-پەن ئۈچى بىر-بىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بىر مەرىپەتپەرۋەر ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتىسى ئەل ئۇستۇرلابىي، باغداتتا ياشىغان ۋە بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى ئۇستۇرلاپنىڭ كەشپىياتچىسى سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىگە يېزىلغان داڭلىق ئالىم بەستۇلۇسنىڭ تالانتلىق شاگىرتى بولۇپ، مەريەمنىڭ ئاساسلىق ئىلھام مەنبەسى ۋە تۇنجى ئۇستازى ئۇنىڭ ئاتىسى بولغان ئىدى.
بالىلىق چېغىدىن باشلاپلا ئاتىسىنىڭ ھۈنەرخانىسىدا مېتال ئىشلەش سەنئىتى بىلەن ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسىنىڭ قانداق بىرلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان مەريەم، ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ جاپالىق، ئەمما شەرەپلىك كەسىپكە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇستۇرلاپ ياساش پەقەتلا بىر خىل ئىنچىكە قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۇقىرى دەرىجىدە ترىگونومېترىيە، گېئومېترىيە ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. مەريەم ئىنتايىن تىرىشچان ۋە ئۆگىنىشكە زور ئىشتىياقى بولغان بىر ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە بۇ ئىلىملەردە ۋايىغا يېتىپ، ئۇستۇرلاپ لايىھەلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا يىپيېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.
مەريەم ئەل ئىجلىييە تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇستۇرلاپلار، بۈگۈنكى زامانىۋىي دەۋرىمىزدىكى يول باشلاش (ناۋىگاتسىيە) ئۈسكۈنىلىرىنىڭ، كومپاسلارنىڭ ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتلەرنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىدىغان، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ ئانالوگ كومپيۇتېرى ئىدى. مۇھەممەد ئەل فازارىي 8- ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىدا ئۇستۇرلاپ ياساشقا باشلامچىلىق قىلغان تۇنجى شەخسلەردىن بولسىمۇ، ئەمما مەريەم بۇ ئۈسكۈنىگە قوشقان يىپيېڭى ۋە قوللىنىشچان ئىقتىدارلار ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە نۇقسانسىز بىر سەۋىيەگە ئېلىپ كەلدى.
ئۇ تەرەققىي قىلدۇرغان، ئىنچىكە لايىھەلەنگەن ئۇستۇرلاپلار ئارقىلىق ئاسماندىكى قۇياش، ئاي، سەييارىلەر ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۇپۇقتىكى ئېگىزلىكىنى توپتوغرا ئۆلچىگىلى بولاتتى. مېخانىكىلىق سائەتلەر تېخى ئىجاد قىلىنمىغان بىر دەۋردە، بۇ ئۇستۇرلاپلار ئارقىلىق قۇياشنىڭ چىقىش ۋە پېتىش ۋاقىتلىرى شۇنداقلا يەرلىك ۋاقىتنى توغرا بېكىتكىلى بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ناماز ۋاقىتلىرىنى ھېسابلاپ، قىبلە يۆنىلىشىنى بېكىتكىلى بولاتتى، يەنە قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا ۋە پايانسىز چۆل-جەزىرىلەردە يولۇچىلارنى ۋە كارۋانلارنى ئىنتايىن توغرا بولغان يۆنىلىش تېپىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىن ئەتكەنىدى.
مەريەم ئەل ئىجلىييە ياشىغان دەۋردە شىمالىي سۈرىيە رايونىنى ھەمدانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇل ھەيجا ئابدۇللاھ بىن ھەمداننىڭ ئوغلى بولغان قۇدرەتلىك ھەلەپ ئەمىرى سەيفۇددەۋلە (944-967) باشقۇراتتى. مەريەم ياساپ چىققان ئۇستۇرلاپلاردا ئىشلىتىلگەن ھۈنەرلەرنىڭ نۇقسانسىزلىقى، خاتاسىز ماتېماتىكىلىق لايىھەلىرى ۋە يېڭىچە قۇرۇلمىسى ھەلەپ ئەمىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئىلىم-پەنگە ۋە ئالىملارغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان سەيفۇددەۋلە، بۇ تالانتلىق ئايالنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەپ، ئۇنى بىۋاسىتە ھەلەپ ئوردىسىغا تەكلىپ قىلدى. مەريەم ئەل ئىجلىييەنى ئوردىدا باش ئالىي ئېنژېنېر قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق تېخنىكىلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن ئەمىر، ھۆكۈمەت مەمۇرىيىتى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئەڭ ئىنچىكە ئاسترونومىيەلىك ۋە يول باشلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساشنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. مەريەم ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋە كەسپىي تەتقىقاتلىرىنى ئوردىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي مىراسلار گويا ئاسماندىكى چاقناپ تۇرغان بىر يۇلتۇز كەبى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىلھام ۋە ئۈمىدۋارلىق نۇرىنى چېچىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئۇنىڭ ئىلھامبەخىش ئىش-ئىزلىرى ۋە ئاۋانگارتلىق سالاھىيىتى، بۈگۈنكى كۈندە ھەم ئاكادېمىيە دۇنياسىدا ھەم زامانىۋىي مەدەنىيەتتىمۇ تەقدىرلەشلەرگە ئېرىشىپ كەلمەكتە. 1990- يىلى ئامېرىكىلىق ئاسترونوم ھېنرىي ئې. خولىت (Henry E. Holt) تەرىپىدىن پالومار رەسەتخانىسىدا بايقالغان مارس ۋە يۇپىتېر ئارىسىغا جايلاشقان ئاستروئىدلار ئاساسىي بەلۋىغىدىكى بىر كىچىك سەييارىگە، 2016- يىلى مەريەمنىڭ ئاسترونومىيە ئىلمىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى خاتىرلەش مەقسىتىدە «7060 ئال ئىجلىيا» (7060 Al-ʻIjliya) دەپ نام بېرىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا دۇنياغا داڭلىق «1001 كەشپىيات» (1001 Inventions) تەشكىلاتى تەرىپىدىن، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان ئەڭ ئالاھىدە ئاياللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
نېبۇلا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى نېدى ئوكورافور (Nnedi Okorafor)، 2015- يىلى نەشر قىلىنغان «بىنتى» (Binti) ناملىق مەشھۇر رومانىدىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىلھام مەنبەسىنىڭ مەريەم ئەل ئىجلىييە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر كىتاب بايرىمىدا مەريەمنىڭ ھېكايىسى بىلەن تونۇشقان يازغۇچى، رومانىدا ئۇستۇرلاپ ياساشقا ماھىر بىر ياش ئايالنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ھايات ھېكايىسىنىڭ يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولغان.
مەريەم ئەل-ئۇستۇرلابىي ئەل-ئىجلىييە ئۆز دەۋرىدە ياراتقان ئىجادىي ۋە يېڭىلىققا تولغان تېخنىكىلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئالەم جىسىملىرىنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى قىزغىنلىقى ۋە پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن، بۈگۈنكى كۈندىمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملار ۋە ياش قىز-ئاياللار ئۈچۈن زامان ھالقىغان ئۈلگە بولۇپ كەلمەكتە.
ئىجاد ئىلىم-پەن مەركىزى تەييارلىدى.
جاۋاب يېزىش