logo

خىزمەتلەردىن ئۆرنەكلەر

مەركىزىمىز پەرزەنتلىرىمىزنى كېلەچەكنىڭ پەن-تېخنىكىسىغا تەييارلاش مەقسىتىدە كۆپ قىرلىق ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىنى يولغا قويدى.

img not found!

تور دەرسلىرىمىز

ھەر قايسى يىللىقلارغا ئائىت ماتېماتىكا ۋە پەن بىلىملىرى قاتارلىق ئاساسىي پەنلەردىن سىستېمىلىق نەق مەيدان تور دەرسلەر

img not found!

پروگراممىلىرىمىز

بىر قېتىملىق ياكى قىسقا مەزگىللىك ئىلىم-پەن تېمىسىدىكى تور تەجرىبە- پائالىيەتلىرى، دەرسلەر ۋە پەن-تېخنىكا لىكسىيەلەر

img not found!

سىنلىق كۇرسلىرىمىز

ھەرقايسى پەن دەرسلىرى ياكى پروگراممىلارغا ئائىت سىستېمىلىق سۆزلىنىپ، سىنغا ئېلىنغان يۈرۈشلۈك كۇرسلار

Image not found
Shape not found

ئۇيغۇر كېنگۇرۇ ماتېماتىكىسى

ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭمۇ خەلقئارالىق سەھنىلەردە چاقنىشىغا ۋەسىيلە بولالاشنى ئۈمىد قىلىپ، تۆت يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قېتىلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خەلقئارالىق كېنگۇرۇ ماتېماتىكا مۇسابىسىگە تەييارلىق قىلدۇرۇپ كېلىۋاتماقتىمىز.

+350

تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلار

2022-

يىلىدىن بۇيان تۆت قارار

+10

نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر
  • 17 يىللىق ئىلگىرى چىققان رەسمىي ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئىشلەش
  • ئوقۇتقۇچىلارغىلا تەمىنلىنىدىغان تەقلىدىي ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئىشلەش

بىر قىسىم سىنىپلىرىمىز

تۆۋەندە تور دەرسلىرى، پروگراممىلار ۋە كۇرسلاردىن ئۆرنەك سۈپىتىدە قويدۇق، تەپسىلاتنى مەخسۇس بېتىدىن كۆرەلەيسىز.

2027-يىللىق LGS سىنىپى

8-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن LGS ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدۇرۇش ئۇزۇن مەزگىللىك كەسپىي پروگراممىسى

ئوقۇغۇچى
12 نەپەر
مۇددىتى
10 ئاي
تىزىملاش
5-ئاي

سۈنئىي ئەقىلگە كىرىش دەرسى

سۈنئىي ئەقىل ساھەسىگە يېڭى قەدەم باسىدىغان، نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىدىغان بالىلار ئۈچۈن

يېشى
8 ~ 13
ھەپتىدە
بىر كۈن
مۇددىتى
ئىككى ئاي

تور تەجرىبە ئىشلەش سىنىپى

توردا نەق مەيدان ھالەتتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن فىزىكا، خىمىيە ۋە ئېنژىنېرلىق ساھەلىرىدە تەجرىبە ئىشلەش

يېشى
7~12
ۋاقتى
يەكشەنبە
جەمئىي
سەككىز تەجرىبە

ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرى ھەققىدە

ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرى، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوخشاش بىر ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسى ئاستىدا بىر يەرگە جەملەشنى مەقسەتنى قىلىپ قۇرۇلغاندۇر.

تەقلىدىي ئىمتىھانلار، ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان ۋاقتىدا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ۋە ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكى ۋە قانداق قىلغاندا ئىمتىھانغا تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق قىلغىلى بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئاجىز نۇقتىلىرىنى ۋە كۈچلۈك تەرەپلىرىنى بايقىشىغا ياردەمچى بولۇپ، قايسى دەرسلەردە ۋە قايسى مەزمۇنلارغا  بەكرەك مەركەزلىشىشى لازىملىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بىز ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان 2-يىللىقتىن 8-يىللىققىچە بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئومۇمىي پەنلەردىن ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان تەقلىدىي تور ئىمتىھان پروگراممىسىنى يولغا قويدۇق.

Image not found
Shape not found
img not found!
img not found!

"بىر مىنۇتتا بىر بىلىم"
يۈرۈشلۈك سىنلىق دەرسلەر

بۇ يۈرۈشلۈك فىلىملەردە، تۇرمۇشتا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئۇقۇملاردىن تارتىپ، ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ ئۇچ نۇقتىلىرىدا كېتىۋاتقان نىسبەتەن مۇرەككەپ ساھەلەرگىچە بولغان بىلىملەر سۆزلىنىدۇ.

ھازىر كۆرۈڭ ھازىر كۆرۈڭ

ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىز

كەسىپتە پىشقان، تەلەپچان ۋە لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن مەنزىلگە تامان كېتىۋاتماقتىمىز.

Image not found

مۇنىرە مۇئەللىم

قۇرغۇچى ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى
Image not found

مەۋلان مۇئەللىم

پەن ئوقۇتقۇچىسى
Image not found

بەتۈل مۇئەللىم

ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە ئوقۇتقۇچىسى
Image not found

ئەلىف مۇئەللىم

تۈركچە ئوقۇتقۇچىسى

ئاتا-ئانىلار نېمە دەيدۇ؟

ماختاش ئاللاھقا خاستۇر، ئەمما سىلەرنىڭ مېھنەتسىز ئەجرىڭلار ماڭا ۋە بالىلىرىمغا ئۈلگە، تىرىشىشىمىزغا سەۋەپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ. رەھمەت سىلەرگە! مىننەتسىز ياخشىلىقىڭلار ئىككى دۇنيا كۆكلەپ كەتسۇن.

testimonial avatar
سەفىيەنىڭ ئانىسى

پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىلىم -ئىستىقبالى ئۈچۈن ۋاقتىنى ، ئەجرىنى ۋە مېھنىتىنى بەرگەن مۇئەللىملىرىمىزگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ئاللاھ تېنىڭلارغا سالامەتلىك ، ئائىلەڭلەرگە بەخىت -سائادەت ۋە بەرىكەت بەرسۇن!

testimonial avatar
شەرىفەنىڭ ئانىسى

ئالدىنقى قېتىملىق دەرسىڭلاردىنمۇ بەك رازى بولدۇق. دەرس ئۆتەش ئۇسلۇبى، يوقلىما، تاپشۇرۇق ھەممىسى بەك تەرتىپلىك، ئىشقىلىپ مۇشۇنداق كۇرسنىڭ بىزنىڭ بولغانلىقىدىن بەكلا خۇش بولدۇق. ئاللاھ رازى بولسۇن.

testimonial avatar
ئەنىسەنىڭ ئاپىسى

توردا بولسىمۇ مۇشۇنچىۋالا ئوقۇغۇچىنى بىر يەرگە يىغىپ، شۇنچىلىك تەرتىپ ۋە ئىنتىزام ئىچىدە بۇ ئىشنى تاماملىغىنىڭلارغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ۋاقتى كەلسە ئۆيىمىزدىكى ئۈچ-تۆت بالىغا بىر ئىشنى نەچچە ئاي ئىزچىل داۋاملاشتۇرغۇزۇشمۇ تەسكە توختايدۇ. سىلەر بۇ جەھەتتە بىز ئاتا-ئانىلارغا ھەقىقەتەن ياخشى ئۆرنەك بولدۇڭلار. ئاللاھ يولۇڭلارنى تېخىمۇ ئوچۇق، ئەجرىڭلارنى زىيادە قىلىپ بەرگەي!

testimonial avatar
ئەنەسنىڭ ئاپىسى

بىلىۋالاي رەسىم سەھىپىمىز

ئىلىم-پەن ۋە جانلىقلار دۇنياسىدىكى ئاجايىب-غارايىب،
ئاز ئۇچرايدىغان قىزىقارلىق بىلىملەر ئىخچام ھالدا بىر پارچە رەسىم ھالىتىدە لايىھەلىنىپ يوللىنىدۇ.

مەركىزىمىزدىن يازمىلار

بۇ يەردىن ئىلىم-پەن، مائارىپ، بالىلار تەربىيىسى قاتارلىق ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا يېزىلغان تاللانغان ماقالىلارنى كۆرەلەيسىز.